فەيسبۇك قىلمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېتىراپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئۇچۇرلاردىن قانۇنسىز پايدىلىنىش سەتچىلىكىگە دائىر ئېتىراپلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى فەيسبۇك، ئابۇنېنتى بولمىغان تەقدىردىمۇ، تور بەتلىرىنى زىيارەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

953267
فەيسبۇك قىلمىشلىرىنى بىر - بىرلەپ ئېتىراپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەن ھەپتە فەيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مارك زۇكېربېرگ، ئابونېنتلارنىڭ ھېساباتلىرىدا ئورتاقلاشقان ئۇچۇرلىرىدىن ھالقىپ ھەر خىل مەلۇماتلارنىڭ توپلانغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

فەيسبۇكنىڭ مەھسۇلات باشقۇرۇش ئىشلىرى مۇدىرى دېيۋىد باسېر ئىجتىمائىي بىلوگىدىكى بىر ئۇچۇرىدا، «خىزمىتىمىزدىن پايدىلانغان بىر تور بەتنى ياكى ئەپنى زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، ئادرېسىڭىزغا كىرمىگەن ياكى بىر فەيسبۇك ئابونېنتى بولمىسىڭىزمۇ، سىز توغرىلىق مەلۇماتقا ئىگە بولىمىز» دېدى.

ئۇ، نۇرغۇن تور بېتى ۋە ئەپلەرنىڭ ئېلان ۋە تونۇشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن فەيسبۇك خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باسېرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيارەتچىلەر مەزكۇر تور بەتلەرگە كىرىش ئۈچۈن «فەيسبۇك ئۇلانمىلىرى» دىن پايدىلىنىدىكەن ۋە مەزكۇر تور بەتلەر ئۇ زىيارەتچىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئېرىشىپ، نۇقتىلىق ئېلانچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

دېيۋىد باسېر، گوگۇل ۋە تىۋىتتېرغا ئوخشاش شىركەتلەرنىڭمۇ بۇ خىل ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «كۆپىنچە تور بەتلەر ھەر قېتىم زىيارەت قىلغىنىڭىزدا، ئوخشاش ئۇچۇرلارنى بىردىن كۆپ شىركەتكە يوللايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان ئەنگلىيەدىكى كامبېرج ئانالىيتىكا شىركىتىنىڭ، ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن نويابىر ئېيىدىكى سايلام سەپەرۋەرلىكى پائالىيەتلىرى جەريانىدا، فەيسبۇك ئابونېنتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى قانۇنسىز يوللاردىن قولغا چۈشۈرگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.

مارك زۇكېربېرگ بۇ ئىشتىن كېيىن كەچۈرۈم سوراپ، «سىلەرنىڭ (ئابونېنتلارنىڭ) ئۇچۇرلارنى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بۇنى قىلالمايدىغان بولساق، سىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشقا لايىق بولالمايمىز. تولۇق مەنىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى بىلىش ۋە بۇنىڭ قايتا سادىر بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن. بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرمەسلىكى ئۈچۈن بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى تەدبىرلىرىمىزنى يولغا قويغانىدۇق. بىراق، خاتالىق سادىر قىلدۇق. يەنە قىلىنىشى كېرەك بولغان ئىشلار بار. فەيسبۇكنى مەن قۇردۇم ۋە نەتىجىدە مۇنبىرىمىزدە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ جاۋابكارىمۇ مەن» دېگەنىدى.


خەتكۈچ: #فەيسبۇك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر