نۇرغۇن شەرقىي غۇتەلىك ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ماكانلاشتۇرۇلدى

ئەسەدنىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان بىر قىسىم شەرقىي غۇتەلىك فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ماكانلاشتۇرۇلدى.

952339
نۇرغۇن شەرقىي غۇتەلىك ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ماكانلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قورشاۋ ئاستىدا تۇرۇۋاتقان شەرقىي غۇتە ۋە دۇمانى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان بىر تۈركۈم ئاھالە 22 سائەتلىك سەپەردىن كېيىن فىرات قالقىنى ھەربىي نەتىجىسىدە ئازاد قىلىنغان رايونلارغا يېتىپ كەلدى.

4 ئاپتوبۇس بىلەن رايونغا كەلگەن كۆچمەنلەر تۈركىيە باش مىنسىتىرلىق ئىدارىسىغا قاراشلىق ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش باشقارمىسى تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئىۋا مۇساپىرلار لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

شۇنداق قىلىپ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئازاد قىلىنغان رايونلارغا ماكانلاشتۇرۇلغان شەرقىي غۇتەلىكنىڭ سانى 21مىڭغا يەتتى.

دۇما ناھىيەسىدىكى ئاھالىلەر تامامەن تارقاقلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن شەرقىي غۇتە رايونىنىڭ تىزگىنى تامامەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ.

شەرقىي غۇتە رايونىدا بۇ يىل 22-مارتتا باشلىغان تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى جەريانىدا ھازىرغىچە 65مىڭدىن ئارتۇق ئادەم سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا كۆچۈرۈۋېتىلدى.

دۇمادا 7-ئاپرېلدا خىمىيەۋى قوراللار ھۇجۇمىنىڭ يۈز بېرىشىگە قارىتا ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرى بىرلىشىپ سۈرىيەگە ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر