«بىرلىشىمىز دەيدىكەنمىز ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىز»

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىرلىشىش ۋە ئىتتىپاقلىقنىڭ شەرتىنىڭ دىنى ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

952086
«بىرلىشىمىز دەيدىكەنمىز ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون: ھەممىمىز بىرلىشىشنى خالىساق، دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىز، دېدى.

ماكرون BFMTV ۋە Mediapart تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلار ۋە ياغلىق چېگىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن ماكرون، ئىسلام دىنىنىڭ فىرانسىيەدە بولۇپمۇ كۆچۈش دولقۇنىنىڭ تېزلىشىشى سەۋەبىدىن بەكرەك ئومۇملاشقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

5، 6 مىليوندەك مۇسۇلماننىڭ فىرانسىيە پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ماكرون: ئالدى بىلەن بۇ دىن فىرانسىيەگە نىسبەتەن يېڭى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا فىرانسىيەنىڭ كاتولىك، پىروتېستان ۋە يەھۇدىيلىك قاتارلىق دىنى ئېتىقادلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان.  شۇڭا نۇرغۇن پۇقرايىمىز ئىسلامدىن ئىبارەت يېڭى ھادىسىدىن ئۆزىنى تارتىدۇ ۋە قورقىدۇ. بىرلىشىشنى خالىساق دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىز، دېدى.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون فىرانسىيە خەلقىنىڭ مۇشۇنداق ۋەھىمىگە چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئاشقۇن ئېقىملارنىڭ ھەققىي ئىسلام ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.

«ئورىنىۋالغان بىر مۇسۇلمان ئايالنى كۆرگەن چېغىڭىزدا نېمىلەرنى ھېس قىلىسىز؟»دېگەن مەزمۇندىكى سوئالغا ماكرون مۇنداق جاۋاب بەردى: «ھۆرمەت قىلىمەن.»

ماكرون فىرانسىيەدە بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.

 فىرانسىيەدە ياغلىق ئارتىشنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلىدىغان ھەر قانداق بىر قانۇن لايىھەسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنى ئويلاشمىغانلىقىنى قەيت قىلغان ماكرون، ئىسلام دىنى بىلەن ئەنئەنىۋى فىرانسۇز تۇرمۇش ئادىتىنىڭ بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى.

پىرېزىدېنت ماكرون فىرانسىيەدە بىر مەزگىل تالاش-تارتىش تېمىسى بولغان ياغلىق ئارتقان ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن مەكتەپ پائالىيەتلىرى ۋە ئېكسكۇرسىيەلىرىگە قاتنىشىشى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ناۋادا مۇسۇلمان ئاياللار مەكتەپتە خىزمەت قىلمىسا ياغلىق ئارتسا بولىۋېرىدۇ، چۈنكى مەكتەپلىرىمىز دىندىن خالىي ئورۇنلاردۇر، جەمئىيەت بولسا دىندىن خالىي ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر