ۋېنگىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

951711
ۋېنگىرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيەنىڭ پايتەختى بۇداپېشتتا 8-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلاملاردىن كېيىن ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

مىڭلارچە ئادەم ھۆكۈمەتنى سايلام تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ۋە «نەپرەت قىلمىشلىرى»غا خاتىمە بېرىشكە چاقىرىپ نامايش ئۆتكۈزدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ۋېنگىرىيە بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلاشتى.

نامايىشقا ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن نۇرغۇن ئاممىۋى تەشكىلات ئاۋاز قوشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر