نىگېرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

نىگېرىيەدە 4 يىل ئىلگىرى بوكو ھارام تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان قىزلارنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى نامايىش ئۆتكۈزدى.

951760
نىگېرىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرىدىن نېگىرىيەدە بوكو ھارام تەشكىلاتى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەرىپىدىن قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلىقىنىڭ 4-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نىگېرىيەنىڭ بورنو ۋىلايىتىگە قاراشلىق چىبوك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا يۈزلەرچە ئادەم قاتناشتى.

نامايىشچىلار ھۆكۈمەتكە قارشى شوئار توۋلاشتى.

گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغان قىزلار ئائىلىلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ياقۇبى نىقېقى، ھۆكۈمەتنىڭ بوكو ھارام تەشكىلاتىنىڭ قولىدىكى قىزلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامغا يېقىن مەنبەلەر تەشكىلاتنىڭ قولىدىكى قىزلاردىن 15نىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر