گوللاندىيەدە غەززە ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە مۇسۇلمانلار غەززە ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

951786
گوللاندىيەدە غەززە ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە «غەززە ئۈچۈن ھەمكارلىق»نامى ئاستىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

«پەلەستىن زېمىن كۈنى»نىڭ 42-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 30-مارت جۈمە كۈنىدىن بۇيان ھازىرغىچە غەززەنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىدا تىنچ ھالدا ئۆتكۈزۈپ كېلىنىۋاتقان نامايىشلارغا گوللاندىيەدىكى مۇسۇلمانلارمۇ ئاۋاز قوشتى.

گوللاندىيەنىڭ روتتېردام شەھىرىدە يۈزلەرچە ئادەم ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەززە چېگراسىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنكلەرنى قانلىق باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشچىلار غەززە چېگراسىدا شېھىت قىلىنغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسىم- فامىلىلىرى يېزىلغان كىچىك تاۋۇتلارنى كۆتۈرۈپ مېڭىشتى.

گوللاندىيە پەلەستىنلىكلەر ۋەقپىسى ۋە X - ھەرىكىتىمۇ قوللىغان نامايىشتا يەنە غەززە چېگراسىدا تىنچ نامايىش ئۆتكۈزگەن پەلەستىنلىكلەرنى قانلىق باستۇرغان ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قىلمىشلىرىمۇ تەكىتلەپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر