ئىران ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

951402
ئىران ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئايەتۇللاھ ئەلى خامانېي سۈرىيەگە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي ۋە فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكروننى «جىنايەت سادىر قىلدى» دەپ ئاتىدى.

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىمۇ سۈرىيە پىرېزىدېنتى بەششار ئەسەدكە تېلېفون قىلىپ، ئىراننىڭ داۋاملىق سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھاۋا ھۇجۇمى قاتتىق ئەيىبلەندى، ھەمدە بۇ ھەربىي ھەرىكەتنىڭ رايون خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ دۇما رايونىدا ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بېرىلغان خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا 78 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان  ۋەقەدىن كېيىن، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ بەششەر ئەسەد ھاكىمىيىتىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە، بۇنىڭ جاۋابسز قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۈگۈن تاڭ سەھەردە ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر