رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى: ترامپ ئىككىنچى ئادولف گىتلېر

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر شېرىن دونالد ترامپنىڭ پەقەت دۇنيا مىقياسىدىكى بىر جىنايەتچىلا ئەمەس، ئىككىنچى ئادولف گىتلېر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

951275
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى: ترامپ ئىككىنچى ئادولف گىتلېر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئالېكساندىر شېرىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئارقىلىق بارلىق خەلقئارالىق قانۇن – بەلگىلىمىلەرنى دەپسەندە قىلماقتا، رۇسىيە بۇنى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى دەپ قارىماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەقەت دۇنيا مىقياسىدىكى بىر جىنايەتچىلا ئەمەس، ئىككىنچى ئادولف گىتلېردۇر، چۈنكى بۇ، ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە دۆلەتلەرگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشتۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر