گېرمانىيە باش مىنىستىرى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى دەل جايىدا

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ دەل جايىدا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

951323
گېرمانىيە باش مىنىستىرى: ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى دەل جايىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېركېل بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ دۇما رايونىدا خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى باشقا دەپسەندىچىلىكلەرگە قارشى ئاگاھلاندۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھاۋا ھۇجۇمى دەل جايىدا ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىكتۇر.»

ھاۋا ھۇجۇملىرىدىن مەقسەتنىڭ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىش ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش ئەھدىنامىسىنى قايتا دەپسەندە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن مېركېل، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئىتتىپاقداشلىرىمىز ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرىدىن بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنى  قوللايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر