ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ غەززە رايونىنىڭ شەرقىي چېگراسىنى بومباردىمان قىلىشى نەتىجىسىدە بىر پەلەسىتنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، بىر پەلەسىتنلىك يارىلاندى.

949624
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززەنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان پەلەسىتنلىكنىڭ ئىسمى 31 ياشلىق مۇھەممەد ھىجىلە ئىكەن.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقەسسام ئەترەتلىرىگە ئائىت بىر ھەربىي نىشاننى بومباردىمان قىلغانلىقى، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر