گوللاندىيەدە چەت ئەللىك رەھبەرلەرگە ھاقارەت قىلىش جىنايەت ھېسابلانمايدىغان بولدى

«ئەردوغانغا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى» دەپمۇ تونۇلغان بۇ قانۇن تەكلىپى ھاكىمىيەتكە شېرىك لىبېرال ئوڭچىلار پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.

949413
گوللاندىيەدە چەت ئەللىك رەھبەرلەرگە ھاقارەت قىلىش جىنايەت ھېسابلانمايدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گوللاندىيە پارلامېنتى دوست دۆلەت رەھبەرلىرىگە ھاقارەت قىلىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان بەلگىلىمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا دائىر تەكلىپنى كۆپ سانلىقنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن قوبۇل قىلدى. 

تەكلىپكە يەنە گوللاندىيە پادىشاھىغا ھاقارەت قىلىش جىنايەت ھېسابلىنىدىغان ماددىنىڭمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى قوشۇمچە قىلىندى.

بۇ ئەمەلدىن قالدۇۇش تەكلىپى 2 يىل ئىلگىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېگى گېرمانىيەلىك كومېدىيە ئەرتىسى جان بوھمېرمانغا قارشى ھاقارەت داۋاسى ئېچىشى بىلەن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. شۇ ۋەجىدىن «ئەردوغانغا ئالاقىدار قانۇن تەكلىپى» دەپمۇ تونۇلغان بۇ تەكلىپ ھاكىمىيەتكە شېرىك لىبېرال ئوڭچىلار پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان ئىدى.  

تەكلىپ ئازغىنە ئۆزگەرتىش بىلەن قوبۇل قىلىندى. تېگى تۈرك سىياسەتچىلەر بولسا، قارشى ئاۋاز بەردى.

ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن گوللاندىيە پادىشاھىغا قىلىنغان ھاقارەتكە نورمال پۇقراغا قىلىنغاندەك ئەمەس، دۆلەت مەمۇرىغا ھاقارەت قىلىنغاندەك جازا بېرىلىدىغان بولدى.

بەلگىلىمىدە پادىشاھقا ھاقارەت قىلىشقا قارىتا ئاددەتتىكى پۇقرالارغا ھاقارەت قىلىنغاندەك 3 ئايلىق قاماق جازاسى ئەمەس، بەلكى دۆلەت مەمۇرىغا ھاقارەت قىلىغانلارغا بېرىلىدىغان 4 ئايلىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىلدى.

ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بەلگىلىمىگە بىنائەن ئەسلىدە پادىشاھقا ھاقارەت قىلغانلارغا 5 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلەتتى.

ھاكىمىيەتكە شېرىك خىرىستىيان دېموكراتچىلار پارتيەسى ۋە خىرىستىيان بىرلىكى پارتىيەسى ھەمدە رادىكال پىروتېستانت ئىسلاھات پارتىيەسى بەلگىلىمىگە قارشى چىقتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر