ئىراقنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا دائېشقا ئەجەللىك زەربە بېرىلدى
ئىراقنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ھەشدۇش شائبى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىرلىشىپ دائېشقا ئەجەللىك زەربە بەردى.
947530
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقتا ھەشدۇش شائبى قوراللىق ئۇنسۇرلىرى بىلەن ئىراق ئارمىيەسى ھەمكارلىشىپ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت قوزغىدى.
ھەشدۇش شائبىنىڭ تۈركمەن قوماندانى كەنان تۇزلۇ ئىراقنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدا دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 6 تېررورچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەنە نۇرغۇن تېررورچى تىرىك قولغا چۈشۈرۈلدى.
تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بۈگۈن ئەتىگەندە ئەنبارنىڭ ھادىسە ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزىلاردا ئىراق ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قوزغاپ 5 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانىدى.