ھۇسىيلار ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

يەمەندىكى ھۇسىيلارنىڭ باياناتچىسى شەرەف لوقمان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

945838
ھۇسىيلار ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باياناتچى شەرەف لوقمان، ھۇسىيلارغا قاراشلىق يەمەن خەۋەر ئاگېنتلىقى – ساباغا بايانات بېرىپ، «باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى دۈشمەننىڭ دېڭىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ مۇھىم ئورۇنلىرىغا قىلىنماقتا. سەئۇدى ئەرەبىستانغا قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملار داۋام قىلماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ھۇجۇملارنىڭ قارشى تەرەپكە تۇيۇقسىزلا زەربە بېرىدىغان شەكىلدە، شۇنداقلا مۇئەييەن پىلان دائىرىسىدە قىلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان دائىلىرى، بۇ ھەقتە ھازىرچە ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

يېقىندىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستانغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇش بىرىشنى كۈچەيتكەن ھۇسىيلار، پايتەخت رىيادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە شەھەرگە 10 بومبا ئاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر