30 ياشلىق رابىيە بۈگۈن ئەتىگەن شېھىت بولدى

30-مارت غەززەدە باشلانغان تىنچلىق نامايىشلىرىدا يارىلانغان پەلەستىنلىك 30 ياشلىق رابىيەنىڭ شېھىت بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

945717
30 ياشلىق رابىيە بۈگۈن ئەتىگەن شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 30 -مارت (جۈمە) ئىشغال ئاستىدىكى غەززەدە ئۆتكۈزۈلگەن «چوڭ قايتىش يۈرۈشى» جەريانىدا يارىلانغان پەلەستىنلىك 30 ياشلىق سائىر مۇھەممەد رابىيە بۈگۈن (6-ئاپرېل) ئەتىگەن شېھىت بولدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئەشرەف ئەل قۇدرا يازما باياناتىدا، چوڭ قايتىش يۈرۈشى جەريانىدا ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يارىلانغاندۇرۇلغان پەلەستىنلىك رابىيەنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيەنىڭ شېھىت بولۇشى بىلەن 30-مارتتىن بۇيان غەززەدە ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى شېھىت قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 22 گە چىققان بولدى. چېگرادا تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا، ئىسىرائىلىيەنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ بىلەن قىلغان توسقۇنلۇقلىرىدا 1500 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك يارىلاندى.

پەلەستىنلىكلەر زېمىن كۈنىنىڭ 42-يىللىقىنى خاتىرىلەش دائىرەسىدە 30-مارتتىن تارتىپ قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە، ئىسىرائىلىيە چېگراسىدا «چوڭ قايتىش يۈرۈشى» نامى ئاستىدا تىنچلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر