ترامپ سىسىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ئابدۇلفەتتاھ سىسىنى تېلېفون ئېلىپ تەبرىكلىدى.

943308
ترامپ سىسىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ سىسى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا «پىرېزىدېنت ترامپ، قايتىدىن سايلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پىرېزىدېنت سىسىنى تەبرىكلىدى. ئىككى رەھبەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن مىسىر ئارىسىدىكى  ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكنىڭ ئەھمىيىتى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىنىپ، ئورتاق مەسىلىلەر بىلەن يۈزلىشىشنى ۋە ھەمكارلىق گۈللەندۈرۈشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلىشتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، مىسىر سايلاملىرى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ ، سىسىنىڭ قايتىدىن سايلانغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باياناتتا، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مىسىر بىلەن بولغان شېرىكچىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە بۇ دۆلەت بىلەن ئورتاق نىشانلارنى چۆرىدىگەن ھالدا بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. سايلاملار توغرىسىدا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا بىر دوكلاتمۇ ئېلان قىلدۇق. مىسىرلىقلارغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ئىشتىراك ھوقۇقىنىڭ بېرىلىشىگە رىغبەتلەندۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ مىسىر خەلقى ئۈچۈن ئاساس ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر