ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىردى

يۈزلەچە ئاشقۇن يەھۇدىي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنى قوغدىشى ئارقىسىدا مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىردى.

942646
ئاشقۇن يەھۇدىيلار مەسجىدى ئەقساغا باستۇرۇپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  246 ئاشقۇن يەھۇدىي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا شەرقىي قۇددۇستىكى  مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىغا كىردى.

قۇددۇس ئىسلامىي ۋەقپىيلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «246 ئاشقۇن يەھۇدىي ئىسرائىلىيە ساقچىلىرىنىڭ قوغدىشى ئارقىسىدا ئەل-مەگارىبە ئىشىكى بىلەن مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىردى»دېيىلدى.

باياناتتا ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ دەسلەپ مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىنى كەزگەنلىكلىرى، ئارقىدىن تالمۇدىك  دېيىلىدىغان دىنى مۇراسىمم ئۆتكۈزۈپ مەسجىدى ئەقسانىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى دەپسەندە قىلغانلىقلىرى ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.

يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىدا ھامۇرسۇز بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئاشقۇن يەھۇدىيلار تەرىپىدىن «ئىبادەت چوققىسى»دەپ قارىلىدىغان مەسجىدى ئەقساغا ھۇجۇم قىلىش «جايىز» دەپ قارىلىدۇ.

ئىسرائىلىيەلىك ئاشقۇن يەھۇدىيلار ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى مەسجىدى ئەقسانىڭ دەرۋازىلىرىغا لوزۇنكىلارنى ئېسىپ ئاتالمىش دىنى تەلىماتلىرىدىكى«يەھۇدىي ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە قۇربان كېسىلىدىغان كۈننىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەساھتا ئىبادەت چوققىسى چوقۇم بوش بولۇشى كېرەك»دېگەن ماددىنى تەكىتلەپ مۇسۇلمانلاردىن 30-مارت جۈمە كۈنى ئەتىگەن مەسجىدى ئەقسادىن چىقىپ كېتىشنى تەلەپ قىلىشتى.

ئىبرانى كالىندارىغا ئاساسەن «ئاپرېل ئېيى»نىڭ بېشىدا تەبرىكلىنىدىغان ھامۇرسۇز بايرىمىدا ئاشقۇن يەھۇدىيلارنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرىش نىسبىتى كۆرىنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر