«دائېش سۈرىيەدە جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ»

ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەلئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدە جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

942265
«دائېش سۈرىيەدە جىددىي تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ»

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئىبادى ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئۆتكۈزۈلگەن ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ دائېشنىڭ ئىراقتىكى مەۋجۇدىيىتىگە خاتىمە بەرگەنلىكلىرىنى، بىراق بەزى شەھەرلەردە يوشۇرۇنۇۋالغان دائېش ئۇنسۇرلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىراق –سۈرىيە چېگراسىنىڭ كونتروللۇقى بىزنىڭ قولىمىزغا ئۆتتى، لېكىن دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇدىيىتى داۋاملىق تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، دائېشنىڭ قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، دائېشقا قارشى ئىراقتا  كۈرەش قىلىش باسقۇچىدىن سۈرىيەدە ۋە رايوندا  كۈرەش قىلىش باسقۇچىغا قەدەم قويدۇق، جۈملىدىن دائېشنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىش توغرۇلۇق بىرقاتار پىلانلىرىمىزمۇ بار.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر