ب د ت شىمالىي كورېيەنى يەنە جازالىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورېيەگە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكەن شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

941594
ب د ت شىمالىي كورېيەنى يەنە جازالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شىمالىي كورېيەگە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز يۆتكىگەن ئونلارچە يۈك پارخوتى بىلەن بىر نەچچە ترانسپورت شىركىتىنى قارار تىزىملىككە كىرگۈزدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاراشلىق شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدىغان كومىتېت، ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن 15ى شىمالىي كورېيەگە تەۋە جەمئىي 27 پاراخوت ۋە 21 ترانسپورت شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن شىمالىي كورېيەگە تەۋە 15 يۈك پاراخوتى بۇنىڭدىن كېيىن 13دەك خەلقئارالىق پورتلاردا توختىيالمايدۇ ۋە  21  ترانسپورت شىركىتىنىڭ مال-مۈلۈكلىرى توڭلىتىلىدۇ.  

كومىتېت يەنە شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت ئېمبارگورلىرىغا خىلاپ ھالدا ئىش قىلىشىغا يانتاياق بولۇپ كېلىۋاتقان بىر تەيۋەنلىككە ئېمبارگو قويۇشنى قارار قىلدى. تەيۋەنلىكنىڭمۇ مال-مۈلكى توڭلىتىپ ساياھەت قىلىشى چەكلەندى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھالېي يازما بايانات بېرىپ شىمالىي كورېيەنىڭ ئەتكەسچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئېمبارگو قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىككى ھالېي خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىمالىي كورېيەگە قويۇلغان ئېمبارگولارنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئېيتتى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتكە 2006-يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئېمبارگو يولغا قويۇپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر