گېرمانىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە

گېرمانىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە.

940373
گېرمانىيە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن رىقابەتلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ھېيكو مائاس دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋاقىتلىق ئەزالىقى ئۈچۈن لوبىچىلىق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە بايانات ئېلان  قىلغان مائاس، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەڭ كۆپ ھەسسە قوشۇۋاتقان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىلىرىدە ئەڭ ئاكتىپ رول ئويناۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان دۆلىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى  كۈرەشنىڭمۇ گېرمانىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەت كۈنتەرتىپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزالىق مەسىلىسىدە  گېرمانىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالارنى بولسا رەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر