ئافغانىستاندا 3 ى ئۆزبېكىستانلىق بولۇپ، جەمئىي 9 دائېش تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى

ئافغانىستاننىڭ كۇنەر ۋە جۈزجان ۋىلايەتلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 9 ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

940335
ئافغانىستاندا 3 ى ئۆزبېكىستانلىق بولۇپ، جەمئىي 9 دائېش تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كۇنەر ۋالىي مەھكىمىسى باياناتچىسى فەرىدۇللاھ دېھقان كۇنەرنىڭ چاپادەرە ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇقلۇقتىن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 6 دائېش تېررورچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ھەمدە دائېشقا تەۋە بىر قورال ئىسكىلاتىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، جۈزجان ساقچى باشلىقى ئابدۇل ھەفىې ھاشى جۈزجاننىڭ دەرزاب ناھىيەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە، 3 دائېش تېررورچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكنى ئۇقتۇردى.

ئۆلتۈرلگەنلەرنىڭ ئۆزبېكىستان پۇقراسى تېررورچىلار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ھاشى، يەنە بىر دائېش تېررورچىسىنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر