خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ھەر يىلى 1 مىليون 600 مىڭ كىشى ئۆلمەكتە

خىتاينىڭ تىز تەرەققىي قىلىش ۋە سانائەتلىشىش سىياسىتىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە، دۆلەت مىقياسىدا ھەر يىلى 1 مىليون 600 مىڭ كىشى ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەب بولغان يۈرەك ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلمەكتە.

938478
خىتايدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن ھەر يىلى 1 مىليون 600 مىڭ كىشى ئۆلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا يېرىم كېىچىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە چىققان ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن قىزغۇچ سېرىق سىگنال ئېلان قىلىندى.

خىتاي مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى بېيجىڭدا يۇقىرى پەللىگە چىققان ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ ئەتىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەنلىكلىرىنى ئۇقتۇردى.

ئېغىر ھاۋا بۇلغىنىشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىزغۇچ سېرىق سىگنالنىڭ ئەتە شىمالدىن كېلىدىغان سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرىدە بۇلغانغان ھاۋا تارقالغاندىن كېيىن، ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئالاقىدار مەسئۇللار خەلقنى مەجبۇر بولمىغان ئەھۋالدا سىرىتقا چىقماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا.

بولۇپمۇ ياشانغانلار، كىچىك بالىلار ۋە نەپەس يولى كېسەللىكلىرى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇۋاتقان سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى، جىسمانىي ئەمگەكلەردىن ۋە پائالىيەتلەردىن ئۇزاق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلماقتا.

بېيجىڭدا ئومۇمەن خەلق كوچىلارغا ماسكا تاقاپ چىقىدىغان بولۇپ، ھەتتا بەزى رايونلىرىدا ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەبىدىن كۆرۈش مۇساپىسى 500 مېتىرغا چۈشۈپ قالدى. 

بېيجىڭدا ھاۋا بۇلغىنىش سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدىغان سىگنال سىستېمىسى كۆك، سېرىق، قىزغۇچ سېرىق ۋە قىزىل بولۇپ 4 دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.

خىتاينىڭ تېز تەرەققىي قىلىش ۋە سانائەتلىشىش سىياسىتىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە، خىتاينىڭ نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلىرى دۇنيا بويىچە ھاۋاسى ئەڭ بۇلغانغان شەھەرلەر قاتارىدا ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

خىتاي 2014يىلىدىن بۇيان مۇھىت ۋە ھاۋا بۇلغىنىشىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا تىرىشماقتا.

خىتاي 1 مىليارد 430 مىليون نوپۇسى بىلەن دۇنيانىڭ ئەڭ نوپۇسى زىچ دۆلىتى ھېسابلىنىدۇ. خىتايدا ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليون 600 مىڭ كىشى ھاۋا بۇلغىنىشى سەۋەب بولغان يۈرەك ۋە ئۆپكە كېسەللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئۆلمەكتە. 

خىتاي ھۆكۈمىتى مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قويغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى سايىسىدا، ھاۋا بۇلغىنىشىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن ئالدىنقى يىلى ئالاھىدە خىزمەتلەرنى قىلغان بولسىمۇ، بىراق مۇتەخەسسىلەر بۇ مەسلىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن قانچە ئون يىللىغان ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر