پۇتىن بىلەن قاتار ئەمىرى ئەل سانى كۆرۈشتى

رۇسىيەنى زىيارەت قىلغان قاتار ئەمرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەل سانى بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن كۆرۈشتى.

938232
پۇتىن بىلەن قاتار ئەمىرى ئەل سانى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىرپۇتىن قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھامەد ئەل سانى بىلەن كۆرۈشتى.

كىرمېل سارىيىنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە بىلەن قاتار ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىغا 30 يىل بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن پۇتىن، رۇسىيە بىلەن قاتار ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىپ بېرىشىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەل سانىمۇ رۇسىيەنىڭ ئەرەب دۇنياسىدا كۈچلۈك نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: ئەرەب دۆلەتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا رۇسىيە مۇھىم رول ئويناپ كېلىۋاتىدۇ، دېدى.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن رۇسىيە نېفىت شىركىتى روسنېپت بىلەن قاتار پەن-مائارىپ، جەمئىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىدارىسى ئارىسىدا بىلىم ۋە مائارىپ ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر