ئىسپانىيەدە «مۇستەقىلچىلار»مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىدا مىڭلارچە ئادەم سابىق كاتالونىيە ئاپتونوم ھاكىمىيىتى باشلىقى كارلېسنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى.

937328
ئىسپانىيەدە «مۇستەقىلچىلار»مەركىزى ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى سابىق كاتالونىيە ئاپتونوم ھاكىمىيىتى باشلىقى كارلېس پۇيىگدېمونتنىڭ گېرمانىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىغا قارىتا نامايىش ئۆتكۈزدى.

نامايىشتا 4 ساقچى بولۇپ جەمئىي 52 ئادەم يارىلاندى، 3 ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان پارتىيەلەر ۋە بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن، ئون مىڭلارچە مۇستەقىللىق تەرەپدارى بارسېلونا، گىرونا، لېيدا ۋە تارراگونا قاتارلىق شەھەرلەردە نامايىش ئۆتكۈزدى.

ئىسپانىيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  - EFE نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بارسېلونادىكى گېرمانىيە كونسولخانىسى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا 56 مىڭدەك ئادەم قاتناشقان.

بارسېلونادا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نامايىشچىلار مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئاپتونوم ھاكىمىيەت بىناسىغا كىرمەكچى بولۇشتى. ساقچىلار ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرمەكچى بولۇشقان  نامايىشچىلارنى كالتەكلەر بىلەن ئۇردى.

لېيدا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا نامايىشچىلار ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئاپتونوم ھاكىمىيىتىنىڭ شەھەردىكى بىناسىغا كىرمەكچى بولغاندا ساقچىلار يول قويمىدى.

پۇيىگدېمونت بۇرۇن شەھەر باشلىقى بولغان گىرونا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا تەخمىنەن 10 مىڭ ئادەم قاتناشتى.

ساللېنت ۋە تارراگونا شەھەرلىرىدىمۇ يۈزلەرچە ئادەم تاشيوللارنى قاتناشقا توسۇۋالدى.

شۇنداقلا پۇيىگدېمونت ۋە باشقا كاتالونىيە رەھبەرلىرى ئۈستىدە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى باش سوتچىسى پابلو لىلارېنانىڭ كاتالونىيەنىڭ داس ناھىيەسىدىكى ئۆيىگە يېقىن تاملارغا « فاشىست » دېگەن سۆز يېزىپ قويۇلدى. ئىسپانىيە ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قىلمىشنى ئەيىبلەپ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى دەرھال چارە قوللىنىشقا چاقىردى.

كاتالونىيە سەھىيە باشقارمىسى مەسئۇللىرى 4 ساقچى بىلەن 46 نامايىشچىنىڭ بارسېلونادا، 2 نامايىشچىنىڭ لېيدادىكى ۋەقەلەر ئەسناسىدا يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان سابىق كاتالونىيە ئاپتونوم ھاكىمىيىتى باشلىقى كارلېس پۇيىگدېمونت، يەكشەنبە كۈنى گېرمانىيەدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ نېئۇمۇنستېر شەھىرىدىكى تۈرمىگە قامالدى.

رايوندا بۇلتۇر 1-ئۆكتەبىردە رېفېراندۇم (خەلق رايىنى سىناش پائالىيىتى) ئۆتكۈزۈلدى، 27-ئۆكتەبىردە بولسا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى سەۋەبىدىن  «دۆلەتكە ئىسيان»كۆتۈرۈش بىلەن ئەيىبلەنگەن كاتالونىيەلىك سىياسەتچىلەر ئىسپانىيەدىن قاچتى.

 پۇيىگدېمونت ۋە كابېنتىنىڭ 4 ئەزاسى بىلەن شىۋېتسارىيەگە قاچقان كاتالونىيە جۇمھۇرىيەتچى سولچىلار پارتىيەسى باش كاتىپى مارتا روۋىرا ئۈستىدىمۇ جۈمە كۈنى ياۋروپادا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى.

ناۋادا مۇستەقىللىقنى ياقلايدىغان كاتالونىيەلىك سىياسەتچىلەرنىڭ جىنايىي قىملىش سادىر قىلغانلىقى مۇئەيىەنلەشتۈرۈلگەن تەقدىردە 30 يىل كېسىلىپ كېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

مۇستەقىللىق ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبىدىن سوتلانغان 25 كاتالونىيەلىك سىياسەتچىدىن 9ى قولغا ئېلىنىپ، 9ى كېپىللىك بىلەن قويۇپ بېرىلدى، 7سى بولسا ئىسپانىيەدىن قاچتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر