رۇسىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىغا جايلاشقان كېمېروۋو شەھىرىدىكى زىمنايا ۋىشنيا ئىسىملىك سودا-سېتىق مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

937339
رۇسىيەدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىغا جايلاشقان كېمېروۋو شەھىرىدىكى زىمنايا ۋىشنيا ئىسىملىك سودا-سېتىق مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 52گە يەتتى.

رۇسىيە تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۆلگەنلەر ئىچىدە 11 بالىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئېغىر زىيانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئوت ئاپىتى 12 سائەتتىن كېيىن ئاران تىزگىنلەندى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئوت ئاپىتىدە زەخمىلەنگەن 37 ئادەم دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر