خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتى دۇنياغا چۈشۈپ كېتىش ئالىدا تۇرىدۇ
ئالەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «Aerospace Corp» شىركىتى خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى «Tiangong-1»نىڭ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان جايلارنى ھېسابلاپ چىقتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي 2011 – يىلى قويۇپ بەرگەن ۋە كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەن ئالەم بوشلۇقى پونكىتى «Tiangong-1» ھازىر يەر شارى ئوربىتاسىدا ئايلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ ئاپرېل ئېيىنىڭ 1 – كۈنى يەرگە چۈشۈپ كېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا.
«Tiangong-1»نىڭ ئېغىرلىقى 9 توننا 400 كىلوگىرام بولۇپ، 2013 – يىلىدىن بۇيان ئاسترولوگىيەلىك خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ قويغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2016 – يىلى ئالەم بوشلۇقى پونكىتى «Tiangong-1»نىڭ كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىغا بىلدۈرگەن ئىدى.
ئىسمىنىڭ تەرجىمىسى «جەننەت سارىيى 1» دېيىلىدىغان «Tiangong-1» نىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ ئاتموسفېراغا كىرگەندىن كېيىن كۆيۈپ يوقۇلۇپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بىراق، بۇ ئالەم پونكىتنىڭ چوڭ پارچىلىرىنىڭ يەر يۈزىگە چۈشۈپ كېتىىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشلار ئېلان قىلىنماقتا.
ئالەم تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلاردىن «Aerospace Corp» شىركىتى، «Tiangong-1»نىڭ پارچىلىرى چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان جايلارنى ھېسابلاپ چىقتى.
ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشچە، شىمالىي ۋە جەنۇبىي يېرىم شار ئەڭ خەتەرلىك لىنىيە ئىكەن. شىمالىي يېرىم شاردىكى خەتەرلىك لىنىيە تۈركىيەدىنمۇ ئۆتىدىكەن.
ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارسى «ESA»نىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى خارابىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل باشلىقى ھولگېر كىراگ «بۇنچە چوڭ ئالەم پونكىتى ئاتموسفېراغا كىرگەندە ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، %20 ياكى %40 ئەتراپىدىكى پارچىلىرى يەر يۈزىگە چۈشۈپ كېتىدۇ. بىراق، بۇ پارچىلارنىڭ بىرەرسىنى يارىدار قىلىشى ئىنتتايىن تۆۋەن ئېھتىماللىققا ئىگە» دېدى.
ھولگېر كىراگنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «Tiangong-1» نىڭ پارچىلىرى يەرگە چۈشكەنلىك سەۋەبىدىن ئىنسانلارنىڭ يارىدار بولۇش ئېھتىمالى، خۇددىي بىر يىل ئىچىدە بىر كىشىنى 2 قېتىم چاقماق سوقۇش ئېھتىمالىغا ئوخشايدىكەن.
ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارسى «ESA» خىتاينىڭ ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قالدۇقلىرىنىڭ تىنچ ئوكيانغا چۈشۈش ئېھتىالىي يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى سىنگاپوردا كۆرۈشىدۇ
ئامېرىكا – خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى كېلەر ھەپتە سىنگاپوردا تۇنجى قېتىم يۈزتۇرانە كۆرۈشىدۇ.