خىتاي ئامېرىكىنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى

دونالد ترامپنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە: «ئەگەر سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدىغان بولساڭ، بۇلارنى تولۇق ئورۇندايسەن» دەپ بىر تىزىملىك بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

937977
خىتاي ئامېرىكىنى دىيالوگقا چاقىرىق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارشى قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويغاندىن كېيىن، خىتاي ئامېرىكىغا نىسبەتەن دىيالوگ ۋە مۇزاكرە يولىنىڭ ھەر دائىم ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ پايتەخت بېيجىڭدا چاقىرغان جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا بازىرىغا ئىرېشىش يولىنىڭ ئىچىلىشى ئۈچۈن تولۇقلاشقا تېگشىلىك شەرتلەرنى رەتكە تىزىپ، بىر تىزىملىك يوللىغانلىلىقىغا دائىر ئامېرىكا ئاخباراتلىرىغا چىققان خەۋەرلەر ئۈستىدە توختالدى.

خۇا چۇنيىڭ مەزكۇر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىزىملىكنى تاپشۇرۇۋالغان ياكى تاپشۇرۇۋالمىغانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق مەلۇمات بەرمەستىن، «دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىگە ھەر دائىم ئىشىكىمىز ئوچۇق» دېدى.

خۇا چۇنيىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا خىتاينىڭ قانۇنلۇق ھەق ھوقۇقىنى قوغداش جەھەتتە ھەر دائىم ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «توپ؛ ھازىر ئامېرىكا مەھكىمىسىدە، ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېھتىياتلىق ۋە قوبۇل قىلارلىق كۈچلۈك بىرەر قارارنىڭ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى خىتايغا تەخمىنەن 60 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە تاموژزنا بېجى قويۇش ۋە سېلىنمىلىرىنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەلگىلىمىنى تەستىقلىغان ئىدى.

خىتاي سودا مىنىستىرلىقىمۇ بۇنىڭغا جاۋاپ سۈپىتىدە، ئامېرىكىدىن ئېمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا 3 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ خى ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىنغا شەنبە كۈنى تېلېفون قىلىپ، قوشۇمچە تاموژنا باجلىرىنىڭ خىتاي ۋە ئامېرىكىغا شۇنداقلا دۇنياغا پايدىسى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ئۆز دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەييار ۋە شۇنداق قىلغۇدەك كۈچكە ئىگە» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا ئېغىر باج قويغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە «ئەگەر سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدىغان بولساڭ، بۇلارنى تولۇق ئورۇندايسەن» دەپ بىر تىزىملىك بەرگەن.

تىزىملىكتە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئاپتومبىللىرىغا قويغان تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشى، تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي مالىيە ساھەسىدىكى پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىگە يول ئېچىپ بېرىشى... قاتارلىق بىر يۈرۈش تەلەپلەرنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر