سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى

سۈرىيەدە سۈركىلىشنى ئازايتىش رايونى بولغان ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى مۇساپىرلار لاگېرى نىشان قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 10 پۇقرا قازا قىلدى، 15 ى يارىلاندى.

934355
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇمى نۇرغۇن پۇقرانىڭ جېنىغا زامېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆكتىچىلەرگە ئائىت ئايروپىلان كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ خادىمى ئەبۇ رائىدنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەگە ئائىت « SU 24 » ئۇرۇش ئايروپىلانى  لازقىيە ۋىلايىتىدىكى ھىمەيمىم ھەربىي بازىسىدىن قوزغىلىپ، ئىدلىب ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى خاس يېزىسىنى ئۇدا ئىككى قېتىم بومباردىمان قىلغان.

ئىدلىب پۇقراۋى قوغدىنىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇستافا ھاجى يۈسۈافنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەچ تەرەپلەردە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىدلىب ۋىلايتىتىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خاس يېزىسىدىكى مۇساپىرلار لاگېرىنى بومباردىمان قىلغان، بومباردىماندا 10 كىشى قازا قىلغان، 15 پۇقرا يارىلانغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە ئىدلىب ۋە ھاما رايونلىرىدىكى پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 31 پۇقرا قازا قىلغان، 66 پۇقرا يارىلانغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 24 – فېۋرال كۈنى قارار ماقۇللاپ، شەرقىي غۇتەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پۇقرالار ئۈچۈن «ئىنسانىي ئۇرۇش توختىتىش» ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىدا، «ئۇرۇش توختىتىش دەرھال ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك» دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قاچان باشلىنىدىغانلىقى ئېنىقسىز قالغان ئىدى.

رۇسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارار ماقۇللىشىدىن كېيىن 27 – فېۋرال كۈنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ھەر كۈنى شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 9 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 2 گىچە، (ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 10 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 3 كىچە) بولغان ئارىلىقتا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، ھەمدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر