فىلىپپىندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىلىپپىنىڭ پايتەختى مانىلاغا قاراپ كېتىۋاتقان بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇس قىيالىقلاردىن چۈشۈپ كېتىپ، 19 ئادەم قازا قىلدى.

934372
فىلىپپىندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاسىيا خەۋەرلىرى قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئىمېلدا تولېنتىنو، پايتەخت مانىلاغا قاراپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئوككىدېنتال مىندورو شەھىرىدىكى سابلايان بازىرىدا قىيالىقلاردىن چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئاپتوبۇستىكى يولۇچىلاردىن 19 ىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 21 ىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن تولېنتىنو، قازانىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر