ترامپ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئېغىر جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

933405
ترامپ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قارشى قاتتىق تەدبىرلەرنى ئالالمىساق ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغان بولىمىز، بۇ قاتتىق تەدبىرلەر ئۆلۈم جازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.

نىيۇ ھامپشايىر ئىشاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تەشۋىقات پائالىيىتىگە قاتناشقان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى قىلدى.

ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ «زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىش»ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن دونالد ترامپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ مىڭلارچە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ: ئەگەر زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە قاتتىق چارە كۆرەلمىسەك ۋاقتىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلغان بولىمىز.  بۇ قاتتىق چارە ۋە تەدبىرلەر ئۆلۈم جازاسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.

زالدىكى كىشىلەر ترامپنىڭ بۇ سۆزلىرىنى قىزغىن ئالقىشلىدى.

زەھەرلىك چېكىملىككە زەربە بېرىشنىڭ تولىمۇ مۈشكۈل ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، ھازىرغىچە بۇ ئىشتا قاتتىق تەدبىر ئېلىنمىغانلىقى ئۈچۈن مەسىلىنىڭ ھەل بولماي تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىلدىكى ئۆلۈم جازاسىغا تەييار ئەمەسلىكىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان دونالد ترامپ، بۇ جەھەتتە ئەڭ كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

دونالد ترامپ ئېغىر جىنايىي قىلمىشلارنى سادىر قىلغان بىر قىسىم زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىنلا ئاق سارايدىن تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ دونالد ترامپنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قانداق زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتلار بايان قىلىندى.

مەلۇم ئەھۋال ئاستىدا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن بۇ  بايانات، ئامېرىكا ھاكمىيىتىنىڭ «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش»نى تەلەپ قىلالايدىغانلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن تۇنجى رەسمىي بايانات ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر