«ئەرەب دۆلەتلىرىنى قوغداش ۋە ياردەم قىلىش بۇرچىمىز»

مىسىر بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەسئۇللىرى ئەرەب دۆلەتلىرىنى قوغداش ۋە ياردەم قىلىش بۇرچى بارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

932487
«ئەرەب دۆلەتلىرىنى قوغداش ۋە ياردەم قىلىش بۇرچىمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زەيىد ئەل نەھيان مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەمىھ شۇكرى بىلەن كۆرۈشتى.

ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن مىسىرنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان سېلىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، ئىككى تەرەپنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەر، رايوندىكى كىرىزىسلەر ۋە كىرىزىسلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە كېڭەش قىلغانلىقىمۇ ئەسكەرتىلدى.

ئەل نەھيان مىسىرلىق مەنسەبدېشى شۇكرى بىلەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەرەبلەرگە ياردەم قىلىشتەك تارىخى بۇرچى بارلىقىنى ئېيتتى.

ئەل نەھيان قاتار زوراۋانلىق ۋە دۈشمەنلىك قىلىشتىن ۋاز كەچكەن تەقدىردە، ئەرەب دۆلەتلىرى سېپىگە قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شۇكرى مۇنداق دېدى: «تۆت دۆلەتنىڭ قاتارغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ئوخشاشتۇر.»

ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە مۇھىملىقىنى بىردەك تەكىتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر