پاكىستان تەبلىغ جامائىتىنىڭ يىغىلىش ئورنىغا يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى لاھوردىكى بىر ساقچى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 5 نەپىرى ساقچى بولۇپ جەمئىي 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

930337
پاكىستان تەبلىغ جامائىتىنىڭ يىغىلىش ئورنىغا يېقىن جايدا ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاھورنىڭ چەت مەھەللىسى رائىۋېندا ئۆتكۈزۈلگەن تەبلىغ جامائىتىنىڭ يىغىلىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش نۇقتىسى موتوسىكلىتلىق بىر كىشىنىڭ ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ پەنجاپ ئۆلكىلىك سەھىيە ئىشلىرى مىنىستىرى سەلمان رەفىق، ھۇجۇمدا 8 ئادەمنىڭ ھايتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 20 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ساقچى تارماقلىرى، بومبا چۇۋۇش خادىملىرىنىڭ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكى ۋە شېرىكلىرىنىڭ كىملىكلىرىنى ئېنىقلاش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەنجاپ ئۆلكىسى باش مىنىستىرى شەھباز شەرىف ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى، يارىدارلارنى پۈتكۈل ئىمكانىيەتلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ داۋالاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ساقچى باشلىقى ئارىف ناۋاز خانمۇ ھۇجۇمدىن كېيىن ساقچىلارنىڭ جىددىي ھالەتكە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ۋە رايوندىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، ئەگەر ھۇجۇمچى ساقچى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدىن ئۆتۈپ ئامما ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن بومبىنى پارتلاتقان بولسا، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر