گىرېتسىيە تېررورچى ھازالنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى

گىرېتسىيە، پايتەخت ئاتېنا (ئافېنا) دا قولغا چۈشۈرۈلۈپ سوتلىنىۋاتقان د ھ ك پ – ج تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ھازال سەجەرنىڭ تۈركىيەگە قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تەلەپنى رەت قىلدى.

930003
گىرېتسىيە تېررورچى ھازالنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتېنا يۇقىرى سوت مەھكىمىسى سودىيەلىرى، تۈركىيەنىڭ گۇماندار سەجەرنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى. سوت كوللېگىيەسى، تۈركىيە تەرىپىدىن يوللانغان سەجەرگە ئالاقىدار ماتېرىياللاردىكى ئەيىبلەشلەرنىڭ تېررورلۇق  پائالىيىتى ۋە جىنايى ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

گىرېتسىيەدە سوتلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان گۇماندار سەجەر، قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، قايتىدىن تۈرمىگە ئەۋەتىلدى.

گىرېتسىيە ئەدلىيە تارماقلىرى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى مەھمەت دوغان بىلەن شادى ناجى ئۆزپولاتنى قايتۇرۇپ بېرىش توغرىسىدىكى تەلىپىنىمۇ رەت قىلغانىدى.

نويابىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئاتېنادىكى ئۈچ نۇقتىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا قولغا چۈشكەن د ھ ك پ – ج ئەزاسى 9 تېررورچى، «پارتلاتقۇچ ماددا ۋە قورال ساقلاش»، «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش» ۋە «ساختا ھۆججەت ساقلاش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، سوتلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر