ھېسېر ناۋېرت  «ئاممىۋى دىپلوماتىيە» ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت مىنىستىرلىقنىڭ «ئاممىۋى دىپلوماتىيە» ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلەندى.

929571
ھېسېر ناۋېرت  «ئاممىۋى دىپلوماتىيە» ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەسلىھەتچىلىككە تەيىنلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ تۈنۈگۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەسلىھەتچىسى ستىۋ گولدستايننىڭ ئورنىغا باياناتچى ھېسېر ناۋېرتنى ۋەكىللىككە تەيىنلىگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئافرىقا زىيارىتىدە  ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان مەسلىھەتچى گولدستاينمۇ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئىدى.

گولدستاين رېكس تىللېرسون ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىنلا يازما بايانات ئېلاپ قىلىپ: «مىنىستىر تىللېرسون پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن بۈگۈن ئەتىگەن تېخىچە كۆرۈشكىنى يوق. شۇڭا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدۇ» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر