يەمەندە مىنا پارتلاپ بىر ئائىلىدىن 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

يەمەننىڭ ئەلھۇدەيدە شەھىرىدىكى بىر ئۆينىڭ ئەتراپىغا كۆمۈلگەن مىنا پارتلاپ، بىر ئائىلىدىن 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

925476
يەمەندە مىنا پارتلاپ بىر ئائىلىدىن 7 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىھامە بىرىگاداسى مەنىۋى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش باشقارمىسى باشلىقى مۇھەممەد ئەششەللى، ھىس ناھىيەسىگە قاراشلىق ۋادى نەھلە رايونىدىكى بىر ئۆينىڭ يېنىدا پارتلىغان مىنانىڭ 7 ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، 4 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، يارىدارلاردىن بىرىنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

ھۇسىيلارنى ئۆي ۋە تېرىقچىلىق رايونلىرىنى مىنالاشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىگەن شەللى، ئارمىيەگە قاراشلىق بومبا چۇۋۇش خادىملىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى جايلارغا كۆمۈلگەن مىنالارنى تېپىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇسىيلار ۋەقە توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.

ھۇدەيدەگە قاراشلىق ئەلھۇدا ۋە ھىس ناھىيەلىرى ھۆكۈمەت كۈچلىرىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى رايونلار ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر