ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى كىرىزىسىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولدى

كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ پارس قولتۇقى كىرىزىسىغا مەسئۇل ۋەكىلى دەم ئېلىشقا چىققان گېنېرال ئانتوني زىننىنى قوبۇل قىلدى.

923175
ئامېرىكىنىڭ پارس قولتۇقى كىرىزىسىغا مەسئۇل ئەمەلدارى كۇۋەيتتە زىيارەتتە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيخ ساباھ زىننى بىلەن پايتەختتىكى ئەسسەيف سارىيىدا كۆرۈشتى؛ ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، زىننىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پارس قولتۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋەكىلى تىموتي لېندېركىڭنىڭ ھەمراھ بولغانلىقى قەيت قىلىندى.

كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر ئەسساباھ يەنە، زىننىنىڭ زىيارىتى بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن بەھرەيىن پادىشاھى ھەمەد بىن ئىسا ئەلخەلىيفەگە ئايرىم – ئايرىم ھالدا تېلېگرامما يوللىدى.

قاتارغا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين قاتارلىق دۆلەتلەر چارشەنبە كۈنى قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ كۇۋەيتنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئۇنى ئىقتىسادىي جەھەتتە مۇھاسىرىگە ئېلىشى پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر