پاكىستاندا خىتاي تۇزلىرى چەكلەندى

پاكىستاندا مونوسوديۇم گىلۇتامات ناملىق خىتاي تۇزى چەكلەندى.

922671
پاكىستاندا خىتاي تۇزلىرى چەكلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستاندا «خىتاي تۇزى»دەپ ئاتىلىدىغان مونوسوديۇم گىلۇتاماتنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق بولۇشى سەۋەبىدىن چەكلەندى.

پاكىستان ئالىي سوت مەھكىمىسى خىتاي تۇزىنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تۇزنى ئىشلىتىش، ئىمپورت ۋە ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىدى.

ئالىي سوت مەھكىمىسى بۇ قارارىنى ھۆكۈمەتتىن  مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق پاكىستاندىكى 4 ئۆلكە ۋە 3 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە بىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تۇزى دەپ ئاتىلىدىغان مونوسوديۇم گىلۇتامات يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېخىمۇ تەملىك قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

يېمەك-ئىچمەكلەرنىڭ ئەسلى تەمىنى ئۆزگەرتىدىغان بۇ ماددا يىراق شەرق تائاملىرىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ.

مۇتەخەسىسلەر خىتاي تۇزىنىڭ مەركەز نىرۋا سىستېمىسىنى قالايمىقان قىلىپ ئادەمنى خۇمار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدە ئۈچ ئايلىق بوۋاقلارنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىگە ئىشلىتىش چەكلەنگەن خىتاي تۇزى، ئامېرىكا بولۇپ تەخمىنەن 50 دۆلەتتە  مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلىۋېتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر