خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ باج قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

922699
خىتاي ئامېرىكىنىڭ باج قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پولات-تۆمۈر ۋە ئاليۇمىن ئىمپورتىغا قوشۇمچە باج قويۇش قارارىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ يېسۇي خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا ئۇرۇشقا كىرگۈسى يوقلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خىتاي پارلامېنتىنىڭ يىللىق خۇلاسە يىغىنىدا سۆز قىلغان جاڭ: دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا قاراپ ئولتۇرمايمىز، دېدى.

بۇرۇن خىتاينىڭ ئامېرىكا ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن جاڭ، سودىدا دىيالوگنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇڭا  مەسىلىنى دىيالوگ ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: « خاتا ئەقىل ئىشلىتىپ قارارلار ئاساسەن چىقىرىلسا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ ۋە ھېچكىم كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر