سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئاياللارمۇ ئىشتىراك قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەل-ئەخسا ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئاياللارمۇ ئىشتىراك قىلدى.

922235
سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئاياللارمۇ ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەل-ئەخسا ۋىلايىتىدە تۇنجى قېتىم خانىم-قىزلارمۇ ئىشتىراك قىلغان مارافونچە يۈگرەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.

«ئەل-ئەخسا يۈگۈرمەكتە»شوئارى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە ئەر-ئايال، قېرى-ياش، ھەۋەسكار ۋە كەسپىي ماھىرلار بولۇپ ھەر قاتلامدىن كىشىلەر قاتناشتى.

ئەل-مۇسا ئىختىساس دوختۇرخانىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان تەنتەربىيە ئىشلىرى ئىدارىسى، ئويۇن تاماشا ئىدارىسى ۋە ئەل-ئەخسا رايونلۇق ھۆكۈمىتى قاتارلىق ئورۇنلار ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاياللارغا «ياغلىق ئارتىش»شەرتى قويۇلدى.

ئاياللارنىڭ 3 كىلومېتىرغا يۈگرەش مۇسابىقىسىدە مۇزنە ئەن-ناسسار ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 1500گە يېقىن ماھىرنى كەينىدە تاشلاپ بىرىنچى بولدى.

ياشانغانلار كاتېگورىيەسىدە مۇھەممەد ئەد-دۇسەرى، كەسپى ماھىرلار كاتېگورىيەسىدە بولسا ھۈسەيىن جەمان بىرىنچى بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر