كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نامزاتلىقىدىن ۋاز كەچتى

كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى كارلېس پۇئىگدېمونت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

921229
كاتالونىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى نامزاتلىقىدىن ۋاز كەچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كاتالونىيە ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پۇئىگدېمونت ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ۋىدېئو تارقىتىپ، پىرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ئۇ: «رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتلىقىدىن چېكىنىمەن» دېدى.

كاتالونىيە رايونىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پۇئىگدېمونت مۇستەقىللقنى ياقىلايدىغان تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان كاتالونىيە مىللىي مەجلىسى (ANC) نىڭ تۈرمىدىكى رەئىسى جوردى سانچېزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2017-يىلى 27-ئۆكتەبىر ئىسپانىيەگە قاراشلىق ئاپتونوم رايون كاتالونىيەدە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، رايوننىڭ سابىق پىرېزىدېنتى پۇئىگدېمونت ۋە باشقا سابىق تۆت مىنىستىر ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلانغان ئىدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، پۇئىگدېمونت بىلەن سابىق تۆت مىنىستىر بېلگىيەگە قېچىپ كەتكەن ئىدى. 2017-يىل 21-دېكابىر ئىسپانىيە مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ چىقارغان قارارى دائىرەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا، مۇستەقىلچى پارتىيەلەر ناھايىتى ئاز ئۈستۈنلۈك بىلەن ھۆكۈمەت قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئىدى.

كاتالونىيە پارلامېنتىنىڭ باشلىقى روگېر توررېنت ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان پۇئىگدېمونتنى قايتىدىن پىرېزىدېنتلىققا نامزات كۆرسىتىپ، 2018-يىل 30-يانۋاردا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پۇئىگدېمونت كاتالونىيەنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىدە ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن «دۆلەتكە قارشى ئىسيان قىلىش ۋە قارشى چىقىش»، «دۆلەت مال-مۈلكىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش» قاتارلىق بىر قانچە خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر