ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، ياغلىقنىڭ بېسىم ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مەسۇمە ئىبتىكار، دۆلەت تەۋەلىكىدە ياغلىقنىڭ بېسىم ۋە زوراۋانلىق يولى بىلەن مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

920860
ئىران مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى، ياغلىقنىڭ بېسىم ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئاياللار ۋە ئائىلە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىنى مەسۇمە ئىبتىكار، ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تېھراندا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىرانلىق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ياغلىقنىڭ ئىراندا بىر قانۇنىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ئىبتىكار، بۇنىڭ ئىجتىمائىي جەھەتتە سۇيىئىستېمال قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىنقىلابتىن كېيىن خەلقنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ياغلىق مەسىلىسى يۈزىسىدىن تۇتقۇن قىلىنىش ئەھۋاللىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «يېڭى ئەۋلادلار بىلەن بۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى پىكىرلىشىش ۋە ياشلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ دىققەتكە ئېلىنىشى كېرەك، دەپ قارايمەن» دېدى.

ئىراندا ياغلىقنىڭ بېسىم زوراۋانلىق ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىنىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىبتىكار، ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن رۇخسەت ئالماستىنلا چەت ئەللەرگە چىقالىشى ئۈچۈنمۇ دىنىي قاتلاملار ۋە ئۆلىمالار بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنى ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلىرى ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.


خەتكۈچ: #ئىران , #ياغلىق

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر