ئافرىقىلىق ئاتاقلىق ئالىم ئەردوغانغا ئاتاپ شېئىر يازدى

سېنېگالنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىسلام ئالىملىرىدىن شەيىخ ئابدۇللاھ ئوسمان با جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سېنېگال زىيارىتى ۋە تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەرەبچە شېئىر يازدى.

920667
ئافرىقىلىق ئاتاقلىق ئالىم ئەردوغانغا ئاتاپ شېئىر يازدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەيىخ ئابدۇللاھ ئوسمان با، ئەردوغاننىڭ سېنېگال زىيارىتىنى كاتتا پۇرسەت دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ياشىسۇن ئەردوغان! ياشىسۇن تۈركىيە!» ناملىق شېئىرىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھەر دائىم دەيمىزكى، ئى ئەردوغان! ئاللاھ سېنى قوغدىسۇن ۋە يۈكسەتلسۇن!» دېدى.

شەيخ ئابدۇللاھ ئوسمان با تۈركىيەنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيىمىز. ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانداقلا يېرىدە ئازابلىق ئىش بولسا، بىرىنچى بولۇپ ياردەمگە يۈگرگەن كىشى ئۇ بولىدۇ. بىرما، مۇقدىشۇ بۇنىڭ مىسالى. شۇڭا مەن شېئىرىمدە ئۇنى <ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تايانچى> دېدىم» دېدى.

شېئىر مۇنداق يېزىلغان:

ياشىسۇن ئەردوغان! ياشىسۇن تۈركىيە!

ياشىسۇن، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تايانچى ئى ئەردوغان! ئى ئېسىل ئادەم! ھارماي چارچىماي بۇ ئۈممەتنىڭ مەدەتكارى بولدۇڭ.

جاھاندا ئىسلام بايرىقى ۋە بىز دولقۇنسىمان يۈكسەلمەكتىمىز،

شەرىپىمىزنى كۆككە كۆتۈردۈڭ، تېخىمۇ يۈكسەلتىشىڭنى خالايمىز.

دۆلىتى ئالىيە ئوسمانىيەنىڭ مىراسىنى جانلاندۇرۇش ساڭا نېسىپ بولدى،

بۇنىڭغا ئاساس، سېنىڭ تاغلارغا ئوخشاش ھەيۋەتلىك جاسارىتىڭ بولدى.

تۈرك خەلقى ئوسمانلى بولغاندا، ئەڭ ئۇلۇغ ئىدى، سەن كەلدىڭ يەنە ئۇلۇغ بولدى.

دۆلىتىڭنىڭ كۈندۈزىگە غەربلىكلەر كېچە بولماقچى ئىدى. رەببىمنىڭ رەھمىتى ساڭا تايانچ يەلكە بولدى،

سېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغانلارغا 15ئىيۇل قىلتاق بولدى.

 

ھەم مەخپىي ھەم ئاشكارا ساڭا قىلىمىز دۇئا،

سېنى بېشىمىزدىن كەم قىلمىسۇن خۇدا.

يوقلۇق ئالىمىدىن بار قىلغان ئاللاھقا ھەمد بولسۇن!

ئاللاھ سېنى پەيغەمبەرگە ساھابى (ھەمراھ) قىلسۇن!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر