مىسىر دائىرىلىرى قانۇنسىز چېركاۋلارغا ئىجازەتنامە بەردى

مىسىر دائىرىلىرى، ئىجازەتنامىسى يوق چېركاۋ ۋە ئۇلارغا تەۋە بىنالاردىن 53 ىگە ئىجازەتنامە بەردى.

919271
مىسىر دائىرىلىرى قانۇنسىز چېركاۋلارغا ئىجازەتنامە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر ئىچكى كابىنېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مىقياسىدىكى بەزى چېركاۋ ۋە خىزمەت بىنالىرىغا رۇخسەت بېرىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر ئىشارەت قىلىنغان ھالدا، «بۇ سىياسەتلەر، ساماۋى دىن مەنسۇپلىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىدا ئىبادەت قىلىش ھوقۇقىغا ئالاقىدار قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلىش دائىرىسىدە يۈرگۈزۈلمەكتە» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، دۆلەت مىقياسىدا كېرەكلىك بارلىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان چېركاۋ ۋە بۇلارغا تەۋە بىنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 53 دانە رۇخسەتسىز ئورۇنغا رۇخسەت بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

مىسىردا پىرېزىدېنتقا ۋاكالىتەن ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان مۇستاپا مەدبۇلى ئۆتكەن ئاي ئالاقىدار ئورۇنلارغا يوليورۇق چۈشۈرۈپ، «دۆلەت مىقياسىدىكى رۇخسەتسىز چېركاۋلارنىڭ رەسمىيلىشىش ئۈچۈن سۇنغان ئىلتىماسلىرىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئاشۇرۇش» نى تەلەپ قىلغانىدى.


خەتكۈچ: #مىسىر , #چېركاۋ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر