ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەمدۇ؟

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جا ئىن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

918480
ئامېرىكا شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جا ئىن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بەزى شەرتلەرنى ئادا قىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

دۆلەت پىرېزىدېنتلىق سارىيى جوڭ ۋا دېدا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ يەندۇڭنى قوبۇل قىلغان مۇن مۇنداق دېدى: «سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قىسىم شەرتلەرنىڭ ئادا بولۇشى لازىم، شىمالىي كورېيەمۇ يادرو قوراللىرىنى يوق قىلىش نىيىتىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك.»

مۇن ئامېرىكا-شىمالىي كورېيە سۆھبىتىنىڭ بۇرۇنراق باشلىنىشى ئۈچۈن خىتايدىن ياردەم قىلدى.

2022 بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېيتقان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى، خىتاينىڭ پىيوڭچاڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

پىيوڭچاڭ شەھىرىدىكى قىشلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە كەلگەن گېنېرال كىم يوڭ چول پىرېزىدېنت مۇن بىلەن كۆرۈشكەندە، شىمالىي كورېيە پىرېزىدېنتى كىم جۇڭ ئۇننىڭ ۋاشىنگىتون بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر