ھاماس قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ چېركاۋ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ھاماس قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ چېركاۋلاردىن باج ئېلىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

918239
ھاماس قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ چېركاۋ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھاماس قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ چېركاۋلاردىن باج ئېلىش پىلانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇددۇس سىياسىتىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاماس تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ ئەھۋال ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پەلەستىننىڭ مەۋجۇدلۇقىنى ھۇجۇم  نىشانى قىلغان قارار ۋە سىياسەتلىرىنىڭ خەتەرلىك ئىپادىسىدۇر.»

«چېركاۋلاردىن باج ئېلىش پەلەستىن خەلقىگە، مۇسۇلمان بىلەن خىرىستىيانلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەس ماكانلارغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ داۋامىدۇر»دېگەن جۈملىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان باياناتتا، قۇددۇس خەلقى ئىنقىلابنى كۈچەيتىشكە، مۇسۇلمانلار بولسا پەلەستىن مەسىلىسىنى يوق قىلىشنى مەزمۇن قىلغان پىلان ۋە لايىھەلەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىلدى.

قۇددۇس شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بۇرۇنمۇ شەھەردىكى چېركاۋ ۋە بۇ چېركاۋلارغا تەۋە ئۆي-زېمىنلاردىن باج ئېلىش نىيىتى بارلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

شەھەرلىك ھۆكۈمەت چېركاۋغا تەۋە 882 ئۆي-زېمىندىن باج ئالىدىغانلىقىنى، يىللاردىن بۇيان داۋاملاشقان «باجدىن كەچۈرۈم قىلىنىش»بەلگىلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە باج تاپشۇرۇلمىغان مال-مۈلۈكلەرنىڭ مۇسادىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر