تالىبان بىلەن دائىېشنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى ئافغانىستاننى زىلزىلىگە سالدى

ئافغانىستان ئارقىمۇ - ئارقىدىن يۈز بەرگەن ھۇجۇملار بىلەن تەۋرەنمەكتە.

917285
تالىبان بىلەن دائىېشنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى ئافغانىستاننى زىلزىلىگە سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندا 4 ئوخشاش بولمىغان جايدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا، 18 ئەسكەر بىلەن قوشقاندا جەمئىي 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ۋە تالىبان ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

تالىبان فاراھ ئۆلكىسىنىڭ غەربىدە بىر ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتىغا ھۇجۇم قىلدى.  ھۇجۇمدا 18 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلىپ 2 ئەسكەر يارىدار بولدى.  يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 2 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلدى.

پايتەخت كابۇلمۇ ئادەم بوبا ھۇجۇمىغا سەھنە بولدى.

ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى كابۇلنىڭ 9رايونىدىكى ساقچى پونكىتىغا يېقىن جايدا بەدىنىگە تېڭىۋالغان بومبىنى پارتلاتتى. ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلۈپ 7 كىشى يارىدار بولدى. ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى. بەزى يارىدارلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھېلماند رايونىدىمۇ ھەربىي بازىلارنى نىشان قىلغان 2 ئايرىم ئايرىم ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بەردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى. ھۇجۇمدا 3 ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 7 كىشى يارىدار بولدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئافغانىستاندا تالىبان ۋە باشقا گۇرۇپپىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرۇش قارارى ئالغاندىن كېيىن، ئافغانستاندا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىمۇ ئەۋجىگە چىقماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر