خىتاي، شىمالىي كورېيە، شىنگاپور، خوڭكوڭ ۋە پاناما بايراقلىق 28 پاراخوت ئېمبارگو تىزىملىكىدە

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيەگە قارىتا ھازىرغا قەدەر كۆرۈلگەن ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يولغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

917254
خىتاي، شىمالىي كورېيە، شىنگاپور، خوڭكوڭ ۋە پاناما بايراقلىق 28 پاراخوت ئېمبارگو تىزىملىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلغان «يىللىق دىندار سىياسىي پائالىيەتلەر كونفېرانسى»دا سۆزلىگەن ئۇزۇن نۇتۇقىنىڭ ئاخىرىدا، شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزگەن ئېمبارگولار ئۈستىدە توختالدى.

دونالد ترامپ: «بۈگۈنگە قەدەر دۆلىتىمىز يولغا قويۇپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزدۇق. ئۈمىد قىلىمىزكى، ئىجابىي نەتىجىلەر بولغاي. بۇنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن ئىجابىي بىر ئىشلارنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

دونالد ترامپ نۇتۇقىدا ئېمبارگولارنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. كېرەكلىك قارارلارنى ئالغانلىقلىرىنى ۋە ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ باياناتلارنى ئېلان قىلىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈش بىلەن كۇپايىلەندى.

ترامپ سۆز قىلىۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگولاردىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلغانلىقى سەۋەبىدىن 1 كىشى ۋە 27 ئورگان ۋەياكى گۇرۇپپا بىلەن 28 پاراخوتنى قوشقاندا، جەمئىي 56 نىشاننىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر 28 پاراخوتنىڭ خىتاي، شىمالىي كورېيە، سىنگاپور، خوڭكوڭ ۋە پاناما بايراقلىق پاراخوتلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن مىنۇچىنمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ بۇزغۇنچىلىق پائالىيەتلىرى توسۇش ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر