ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقىقى ئىختىلاپى باشلىدى

ياپونىيەنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە خادىمى كوچى مىزۇشىما نارازىلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلدى.

916158
ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك ھوقىقى ئىختىلاپى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيە ياپونىيەنىڭ ياپون دېڭىزىدىكى تالاش - تارتىشلىق ئاراللارغا دائىر ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نوخ كىيۇدۇك جىددىي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ياپونىيە ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇننىڭ نەزىرىدىمۇ شۇنداقلا تارىخ ۋە جوغراپىيە نۇقتىسىدىنمۇ بىزنىڭ زىمىنىمىز ھېسابلىنىدىغان دوكدو ئاراللىرىغا دائىر قانۇنسىز ئىگىلىك ھوققىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دەرھال خاتىمە بېرىشى لازىم» دېدى.

نوخ كىيۇدۇك يەنە، «ياپونىيە تارىخقا كەمتەرلىك ۋە دۇرۇستلۇق بىلەن نەزەر سېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بىر دۆلەتكە يارىشىملىق پوزىتسىيەدە بولۇشى لازىم» دېگەنلەرنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا جەنۇبىي كورېيەدە تۇرۇشلۇق ياپونىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلوماتىيە خادىمى كوچى مىزۇشىما نارازىلىقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىتىلدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ دوكدو ۋە توكتو ئاراللىرى ياپونىيەگە تەۋە بولغان ئەھۋالدا، تاكېشىما دەپ ئاتىلىدىغان ئاراللار ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىگىلىك تالاش تارتىشى يارىتىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.

ئالدىنقى ھەپتە ياپونىيە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بۇ ئاراللارنىڭ ياپونىيەنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى كېرەكلىكىگە دائىر بىر دەرسلىك كىتاب تەكلىپى تەييارلاپ دوكدو ئاراللىرى ئۈستىدە ئىگىلىك ھوققى بارلىقىنى تەكرارلىغان ئىدى.

ياپونىيە جەنۇبىي كورېيەنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى ئاراللار ئۈستىدە 11 يىلدىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

مەزكۇر ئاراللار بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يىرىكچىلىكلەرگە سەۋەب بولغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2015يىلى ئېلان قىلىنغان «ئاق مەلۇمات»تىمۇ بۇ ئاراللارنىڭ ياپونىيە زېمىنى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر