ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتكە ئېغىر دەرىجىدە تۆلەم جازاسى بېرىلدى

ئامېرىكىدىكى مەەنچىلىك ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى - 3Mگە مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى تۈپەيلى تۆلەم جازاسى بېرىلدى.

914907
ئامېرىكىدىكى بىر شىركەتكە ئېغىر دەرىجىدە تۆلەم جازاسى بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىنىڭ مىننېسوتا ئىشتاتىدا مەەنچىلىك ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى - 3M ، خىمىيەۋى مەھسۇلاتلار ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتىنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى سەۋەبىدىن 850 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلدى.

ئىشتات باش تەپتىشى لورى سىۋانسون كونا نامى مىننېسوتا مەدەنچىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى بولغان خەلقئارا شىركەتنىڭ ئىشتاتتىكى زاۋۇتلىرىنىڭ خىمىيەۋى قالدۇقلار بىلەن مۇھىت ۋە تەبىئىي بايلىقلارغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى تۈپەيلى تۆلەم تۆلەشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىۋانسون شىركەتنىڭ 15 كۈن ئىچىدە تۆلەمنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تۆلەيدىغانلىقىنى، تۆلەم مىقدارىنىڭ ئامېرىكا تارىخىدا ھازىرغىچە مۇھىت ساھەسىدە تۆلەنگەن ئەڭ يۇقىرى تۆلەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

850 مىليون دوللارلىق تۆلەم مەەنچىلىك ۋە خىمىيە سانائىتى شىركىتى - 3M جايلاشقان  سائىنت پاۋۇل شەھىرى ۋە ئەتراپىدىكى تۇرالغۇ جايلارغا پاكىز سۇ يەتكۈزۈش، خىمىيەۋى قالدۇقلار سەۋەبىدىن سۇغۇرۇش قاناللىرى زىيانغا ئۇچرىغان دېھقان ۋە كارخانچىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر