شەرقىي غۇتەدە يەنە 167 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

ەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 48 سائەت ئىچىدە شەرقىي غۇتەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 167 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

914905
شەرقىي غۇتەدە يەنە 167 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدىكى پاجىئەلىك ئەھۋال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى؛ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)، سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتە رايونىدىكى كۈچىيىپ كېتىۋاتقان توقۇنۇشلار ۋە پۇقرالارغا كەلتۈرگەن ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنىڭ جىددىي سىگنال بېرىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ب د ت  باش كاتىپى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، باش كاتىپ ئانتونىئو گۇتېررېسنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە بومباردىمانغا دۇچار بولۇۋاتقان 400 مىڭ پۇقرانىڭ ئەھۋالىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاسىرىسى تۈپەيلى شەرقىي غۇتەدىكى پۇقرالارنىڭ ئىنتايىن ناچار شارائىت ئىچىدە ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى، يېتەرسىز ئۇزۇقلىنىش خەۋپى ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، دۈشەنبە كۈنىدىن بۇيان 13 نەپىرى كىچىك بالا بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە بومباردىمانلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى، شۇنداقلا رايوندىكى 5 دوختۇرخانا ۋە سەھىيە مەركىزىنىڭمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، 700 ئادەمنىڭ تېببىي تارقاقلاشتۇرۇشقا ئېھتىياجى بارلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، بارلىق تەرەپلەر ئىنسانىي ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى روياپقا چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ ھاكىمىيەت كۈچلىرىنىڭ شەرقىي غۇتەدىكى ھۇجۇملىرىدىن قايغۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى؛ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېئىتېر نائۇئېرت، «شەرقىي غۇتەدە يۈز بېرىۋاتقان ئىشلاردىن چوڭقۇر قايغۇرماقتىمىز. ئەڭ يېڭى دوكلاتلار شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھاۋا ھۇجۇملىرى بىۋاسىتە دوختۇرخانىلار ۋە پۇقرالار بار جايلارنى نىشان قىلماقتا، بۇنىڭ نەتىجىسىدە يېقىنقى 48 سائەتتە يۈزدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېدى.

ھۇجۇملارنىڭ يېقىندىن بۇيان تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن باياناتچى نائۇئېرت، «ئەسەد ھاكىمىيىتى مۇھاسىرىگە ئېلىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاچلىق گىردابىغا ئىتتىرىش تاكتىكىسىنى ئىشقا سالماقتا ۋە بۇ بىر ئىنسانىي پاجىئەدۇر. شەرقىي ھەلەبتە يۈز بەرگەن پاجىئە نۆۋەتتە شەرقىي غۇتەدە تەكرارلانماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر