ئامېرىكا ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ناۋۇرت «ئۇكرائىنا ئىنقىلابى»نىڭ 4-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ ئۇكرائىنانى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

913919
ئامېرىكا ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئۇكرائىنانى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 4 يىل ئىلگىرى ياۋروپاغا قوشۇلۇپ كېتىشنى قارار قىلغان ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ: ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، دېدى.

مىنىستىرلىق باياناتچىسى ھېتېر ناۋۇرت «ئۇكرائىنا ئىنقىلابىنىڭ 4- يىللىقى»مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى.

4 يىل ئىلگىرى ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ كىيىۋ مەيدانىغا يىغىلىپ ياۋروپاغا قوشۇلۇپ كېتىشنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئېيتقان باياناتچى ناۋۇرت، بۇ ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك نۇرغۇن ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ناۋۇرت باياناتىدا مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلى ئون مىڭلارچە ئادەم ئۆلۈپ 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى، بىز بۇ پالاكەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇكرائىنا خەلقىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

«ئۇكرائىنا ئىنقىلابى»دىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان ناۋۇرت، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر